بىلوگىمىزغا كىلىپ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپ بىرىشڭىزلارنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز!

ئادىرىسى :ئىنتىزار كومپيۇتىر شەھەرچىسى يەنى گۇما شمالى مەيدان يولى 31-نومۇر

تېلېفۇن :13399792144  دۇكان تېلېفۇنى:09036422829 فاكىس:0903-6422829

كۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

   روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي

ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئىشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن . ئوچۇقىنى دېسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن . چۈنكى مەن سىڭىللىرىم ، ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ، كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىغا مەسلىھەتچى ، تۆۋرۈك بولالمىدىم . شۇڭا قىز – ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ، مەسخىرە قىلىش ، ھاقارەتلەشكە قارىتا مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك ، ھىچكىمگە نەسىھەت قىلغۇدەك ، قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم ، سالاھىيىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى قىز – ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى ، ئامالسزلىقى ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى . ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى ، گىزىت – ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسىھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ›› دېگەن ئىدىيىنى ئاساس قىلغان ، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ، ياخشلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى . ئىنتىر تورىدا بولسا ، ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ، ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يېزىلدى . ‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ›› دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان جەمئىيەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نەشىر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي قامچىلىدى ، ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تېخى بولمىدى .

‹‹ئەرەب›› تىن ئاڭلىغانلىرىم!

2003 – يىلى تور چايخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ، ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ، يولدىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى ، يولدىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم . بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى . كىيىن بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بۇلۇپ يۈردۈم ، شۇ چاغدا خۇددى چولپان بۇلۇشتىن قېچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى . ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنىش مەقسىدىنى سورىدىم ، ئۇ قىز ‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ، ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى . دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى) دىدى . شۇنىڭدىن كىيىن چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن ، ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر ، پاكىستانلىقلار ، ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ‹‹بۇنداق ئىشلار كۆپمۇ نىمە ؟ بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم ، ئەمما ئېنىق مەلۇمات بولمىدى . لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم : بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ ، چەتئەللىككە قىزىقىپ ، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم . بۇ ئىشلار ئۆتتى ، تۈگىدى .
2008 – يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يېقىن بىللە يۈردۈق . بۇ ئەرەب تۇمارىس مېھمانخانىسىدا بولغان پاكىستانلىق ئىككى ئەر ، ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچى) ، بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن)، بىر رۇس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت ئارىلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس ، ئاياللىرى بەك جانلىق›› دىدى ،(كىيىن ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىكەن ، ‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا )
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق ، مەن تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى چېچىلدىم ، ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىدى : مەن شىنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم ، ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا – كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئېنىق ھىس قىلدىم ، سىلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ ، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ ، ئەگەر ئۇچراشسىلا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، سىلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، ئۇلارنى پۇل تېپىش ، جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويىسىلەر ، قىزلار ئاسىي بولسا ، ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسىلەر ، ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسىلەر،…..بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ . بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ ئۇنىڭ ئىرىنىڭ . ئەگەر خالىمىساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ، مەن ۋە پاكىستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچىسىغا چىقتۇق . ھازىرقى ئېلزابىت مېھمانخانىسى بار دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ،(كىيىن) بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم . كىيىن ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۈنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ، مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ، بالىلىرى بار – يوقلۇقىنى ، يولدىشىنى سورىدى ، ئايال كۈندە 60 – 70يۈەن سودا قىلىدىغانلىقىنى ، ئىككى بالىسىدىن بىرىنىڭ 14 ياش ، بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ، بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ ھاراقكەش ، قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى ، ئاجىرىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئادىرىس ، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ھەم ماڭا تەۋسىيە قىلدى . كونسۇل كوچىسىدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6 -7 نى پاھىشە قىز دىدى ، مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ، تەقى – تۇرقىغا قاراپ 2 – 3 نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم ، ئەمما باشقىسىنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم ، بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگىنىمدە ئۇ يېنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى ، ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ . يالغان دىدىم ئىچىمدە ، لىكىن ئاچچىقىم كەلدى ، غۇرۇرۇم تۇتتى ، تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كېندېجى)غا كىرگۈچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھىشەگە چىقىرىپ ماڭدى ، خەپ ….. دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى ، دەردىمنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمىدىم . كېندېجىغا كىرگەندە پاكىستانلىق ئەلى ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۇنى مەن قىلغان ، لىكىن قىز چىقمىدى ، ماڭا بەك ئامراق ، دوستلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى ، چاڭلېيۈەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى ،4 پاكىستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى›› . چىرايىم ئۆزگەردى ، ئەقلىم قاچتى ، ئەلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم ، ‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان ، كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما ؟ سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟›› ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى ، مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە بىرنى تىزلىدىم ، ھۈسەيىن (ئەرەب) بىزنى ئاجىرىتىۋەتتى ، ئەمما ھېلىقى قىز ھەيران بۇلۇپ كىلىپ ، ئەلىگە خەنزۇچە : ‹‹چىن ئەيدى ، زىمىلى؟ زا خۇيشىر؟ ›› دىدى . مەن : ‹‹يوقىلەۋە قانجىق›› دىدىم ، ئۇ : ‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە ، كاللىسىدىن كەتكەن›› دىدى ، دوستلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى . مەن شۇ پېتى ئۇ پاكىستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ، كىيىن ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە ئالدى – كەينى بۇلۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ ، ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودىسىغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوقۇغۇچىمۇ – ئەمەسمۇ ئېنىقلاشنى تاپىلىدى ، ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ، ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بۇلۇپ ، مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن . ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئېنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بۇلۇپ ، ئالاقىچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق ، باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن . مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم ، نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى ، يىگىت ئاۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرىنى قوللانغان بولسا ، كىيىن ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئويۇن ، كىيىم ، ھۇزۇر ئۈچۈن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينىسا سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ، ھەم قەدىر – قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ، سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل سولانغانلىقىنى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى ، ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر 50 يۈەن بولسا ، بالىسىغا 3-4 كۈنلۈك ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، خىزمەتتىن بىرىنى تېپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ ، بىلىپ تۇرۇپ 50 يۈەن بەردىم . ئەتە مىنى ئىزدەڭ ، ئىش تېپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم ، ئەتىسى ئۇ تېلىفۇن قىلمىدى . شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۈپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئىشلارنى ئەرەب ، پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم ، مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى ، دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى ، كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇپ ، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇشى ، ھەممىسى ھورۇن ، شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن . ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدىن كېتەر چاغدا ئەلىگە شۇنداق دىگەنىدى : سەن جالاپ ئىزلىسەڭ ، دىنسىز پاھىشە ئىزلىمە ، ئۇلارغا ھەم كۈچ ھەم پۇل سەرپ قىلما ، مۇسۇلمان پاھىشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىۋالىسەن . ئۇلارنى دىنسىز يات مىللەت ئەرلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىما . ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا : سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
مەسلە كىمدە؟
كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم ، بۇلار ھازىر تەسىر قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ ، چۈنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا ، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشىمىز كېرەك ئىدى . كىم نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەەر ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر دادىلار ، ئۇيغۇر ئاكىلار ، ئۇيغۇر ئۇكىلار ، ئۇيغۇر ئەركەكلەر ، مۇشۇلار مەسئۇل! چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ ، ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ، ئەركەكچىلىك ئېڭى كۈچلۈك ، ئۆزىنى ئوغۇلبالا ، بىز نوچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ئەركەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ئەركەك ، ئادا قىلمىسا ، ئەركەك ئەمەس›› ،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى) . ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، پۇل توپلاپ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس ، سورۇندارچىلىق ، شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش ، بىلىم ، ئىقتىساد ، ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۈستۈن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي ، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق ، گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك ، ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش .
Lمانا ھازىرمۇ ھەر كۈنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ، ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز ، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسىلە – قىز – ئاياللار مەسىلىسى . مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلە زادى نىمە؟ بۇ ئەخلاق مەسلىسى ، قىممەت قاراش مەسىلىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟
ئائىلىدىن باشلاش كېرەك . ھەممە ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشتىن ، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى ، قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك ، خاتالاشقانلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇلار – بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ، سىڭىللىرىمىز ، بىزنىڭ غۇرۇرىمىز .

تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟

تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى : قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ .
تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەركەك بولغانىكەن ، چۇقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن . ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ نىمە ئىش قىلدىڭ؟ بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۈزلۈك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن . بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا ، كەينىگە كىرىۋالسا ، ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىكەن . باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن ، ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا ، جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋېتىدىكەن . كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۈرىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئېغىر ئالىدىكەن ، قىزلار خالىسا ، ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن . ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىدىكەن ، تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بۇلۇپ ، ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرىدىكەن ، ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا ، ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن ، ئۇلاردىن سەمىمىيەتسىزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىش شەرەپلىك جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن . ئەرنىڭ ئىززەت – نۇمۇسى ، غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھېسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن .
مەنبە : ‹‹باغداش مۇنبىرى››
 

ساغلاملىق ھەققىدە

ساغلاملىق ھەققىدە

ساغلام بەدەنىنىڭ كىسەللەنمەسلىكى ۋە ئاجىزلاشماسلىقى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بەلىكى ئادامنىڭ تىخىمۇ ياخىشى جىسمەنىيى ، روھى ھالەت ۋە ئىجىدىمائى ماسلاشچانلىق بولۇش كىرەك .
دۇنيا سەھيە تەشكىلاتنىڭ قارىشچە ئوزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئوزى ئولچەشنىڭ كورسەتكۇچى توۋەندىكىدەك ئون تۇرلۇك ئىكەن .
1-كۇچ قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرۇش . كۇندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە بىمالال تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش .2-ھەممە ئىشتا ئاكىتىپ ئۇمۇدۋار ، ئاكتىپ ۋەزىپىنى خۇساللىق بىلەن قۇبۇل قىللايدىغان بولۇش . 3-ئارام ئىلىشنى بىلىدىغان ياخشى ئۇخلايدىغان بولۇش .4-ماسلىشىش ئىقدارى كۇچلۇك بولۇش. 5- ئادەتىكى زڭكام ۋە يۇقۇملۇق كىسەلگە قارىتا مۇئەييەن قارشىلىق كۇچى بولۇش . 6-بەدەن ئىغىرلىقى نۇرمال ، قامەتلىك باش ، مۇرە ساغىرىسى ماسلاشقان بولۇش .7-كوزى ئوتكۇر ئىنكاسى تىز .8-چىشى پاكىز ، تولۇق ، ئاغىرىمايدىغان، چىش مىلىكىنىڭ رەڭگى نۇرمال ھەم قانىمايدىغان بولۇش . 9-چىچى پارقىراق كىپەكلەشمەيدىغان بۇلۇش 10-مۇسكۇل تىرىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى  ئەركىن –ئازادە ماڭالايدىغان بولۇش بۇلاردىن باشقا بىز يەنە ئوزىمىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى توۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن ئۇنىۋىرسال ئانالىز قىلىپ كورىشىمىز كىرەك . 1-تىبى تەكشۇرتۇش ئارقىلىق ئوزىمىزنىڭ فىزولۇگىيىلىك –خىمىيەلىك كورسەتكۇچلىرىمىزنىڭ نۇرمال ياكى نۇرمال ئەمەسلىكىنى چۇشۇنىمىز .2-كۇندۇلۇك تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنىڭ قانداقلىقىغا مەسىلەن ؛ خىزمەت ئۇيقۇ، جىنسى تۇرمۇش ، ۋە كۇندىلىك پالىيىتىمىزدە نۇرمالسىزلىقنىڭ بار – يۇقلىقىغا ھوكۇم قىلىشىمىز .3-روھى ھالىتىمىز ، ئوزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ، مۇلايىملىقىمىز ئىشنى پۇختا تەرتىپلىك ، بىمالال ئىشلىيەلەيدىغانلىقىمىز غا شۇنداقلا دىققەت كۇچىمىز ۋە ئەستە تۇتۇش كۇچىمىز ۋە لوگىيكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنىڭ نۇرماللىقىغا قارىشىمىز .4-خىزمەتتە تەشەببۇسكار ئاكتىپ بولالايدىغان – بولالمايدىغانلىقىمىزغا دائىملىق خىزمەتلەرنى سان ھەم سۇپەتتكە كاپەلەتلىك قىلىغان ھالدا ئۇرۇندىيالايدىغان – ئۇرۇندىيالمايدىغانلىقىمىزغا ياكى باشقا تۇرلۇك ئامىللار تۇپەيلى بىئارام بولۇش سەۋەبىدىن دائىم رۇخسەت سورايدىغان –سورىمايدىغانلىقىمىزغا قارىشىمىز كىرەك .
ئەلۋەتتە بىر ئومۇر ئاغىرمايدىغان ئادام بولمايدۇ ، كەيپىيات جەھەتتە جىددىيلىشىدىغان ، بىسىمغا ئۇچىرايدىغان ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا ۋاقتىنىچە ماسلىشالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ  دائىم دىگۇدەك ئۇچىراپ تۇرىدۇ ، بىر ئادام ننىڭ ساغلام ھالىتىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ تۇرالشى  بەك قىيىن ھامانيا ئۇنداق يا مۇنداق مۇكەممەلسىزلڭكلەر كورۇلۇپ تۇرىدۇ . ئازىراق مۇكەممەلسىزلىك كورۇلسە سالامەتلىكنىڭ ناچارلاشقانىلىنى كورسەتمەيدۇ . شۇنداقلا سالامەتلىكنىڭ ئوز گەرمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۇرمەيدۇ، شۇڭا ساغلاملىق ئىش  ئۇمتىنى تەرەققى قىلىدۇرۇش ، ئوزىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەخىتلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇشنىڭ مەنبەسى ھەم ئاساسى بولۇپ ھەممە ئادەم ساغلاملىقنى ھەسلەپ قەدىرلىشى كوڭۇل قويۇپ ئاسىرىشى كىرەك .

[تەپسىلاتى]

تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق

تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق

تاماكا چىكىش داس، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ۋە نەپەس سىسىتىمىسى كېسەللىكى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.                     
تاماكىنىڭ تەركبىدە4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بار بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىك ۋە زىيانلىق، بۇ ماددىلار تاماكا ئىسى ئارقىلىق ئۆپكە پۈۋەكچىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يىتىپ بىرىپ دەرھال سۈمۈرلىپ كىتىدۇ ھەم ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزۈپ پاسسىپ تاماكا چىكىش-تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ چەككەن تاماكىنىڭ ئىسى بىلەن زەھەرلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. تاماكا چىكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چىكىش ئوخشاشلا كۆپ خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلىتىمىزدە پاسسىپ تاماكا چكىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغانلار ئاساسلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ ئۇلار دائىم دىگۈدەك ئائىلىسىدە، ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ، 15 ياشتىن ئاشقان قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى ھەر كۈنى دىگۈدەك پاسسىپ تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ پاسسىپ تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىشىمۇ ئىغىر.                                
1.تاماكا چىكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چىكىش ئوخشاشلا كۆپ خىل راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                                                             
2.تاماكا چىكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چىكىش ئوخشاشلا كۆپ خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                                       
3.تاماكا چىكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چىكىش ئوخشاشلا نەپەس سېستىمىسىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                  
4.تاماكا چىكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چىكىش ئورگانىزىمنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى كاردىن چىقىرىدۇ.                                                  
2007-يىلى جۇڭگۇ تاماكا چىكىشنى كونتىرۇل قىلىش دوكلاتىدا دۆلىتىمىزدە تاماكا چىكىدىغانلار 350 مىليۇندىن، پاسسىپ تاماكا چىكىش موھىتىدا تۇرۇۋاتقانلار 500 مىليۇندىن ئاشىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تاماكا چىكىشكە موناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلۆپ كىتىدىغانلار بىر    مىليۇندىن ئىشىپ يىل بويى ئومۇمى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ%12 نى ئىگەللەيدۇ، پاسسىپ تاماكا چىكىپ ئۆلۆپ كىتىدىغانلار سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، تاماكا چىكىشتىن پەيدا بولىدىغان كۆپ خىل سوزۇلما كېسەللىكلەر پۈتكۈل جەمىيەتكە ئىغىر يۈك بولماقتا.                                               
 
ۋاكسىنا ئەملەش بىر قىسىم يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تىجەشلىك ئۇسۇلى
ۋاكسىنا ئورگانىزىمدا يۇقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى ئىممۇنىتىت كۈچ ھاسىل قىلىدىغان بىئولۇگىيىلىك ياسالمىلارنى كۆرسىتىدۇ.                              
ۋاكسىنا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى كۈچلۈك قۇرال. ۋاكسىنا ئەملەش دىگەنلىك ئۆلۆك كېسەللەك قوزغاتقۇچىلارنى ياكى كېسەللەندۈرۈش كۈچىنى يوقاتقان كېسەللىك قوزغاتقۇچلارنى ۋە ياكى پاتوگۇگىنلارنىڭ ئانتىگىنلىق ماددىلىرىنى سۈنئى ئەملەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بەدەنگە كىرگۈزۈپ ئۇلار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنى غىدىقلاش يولى بىلەن بەدەننى موھاپىزەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە ئوممۇنىتىت ماددىلىرىنى ھاسىل قىلدۇرۇش ئارقىلىق بەدەننىڭ مەلۇم كېسەلگە قارشىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئەملەنگۈچ شۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانمايدىغان، يۇقۇملانسىمۇ كېسەللەنمەيدىغان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ۋاكسىنا 2 تۈرگە ئايرىلىدۇ.  
1-تۈردىكى ۋاكسىنىلارپۇقرالارھەقسىز بىرىدىغان، پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويچە ئەملىتىدىغان ۋاكسىنىلارنى كۆرسىتىدۇ.  نۆۋەتتە ھۆكۈمەت بالىلارغا بوغما-كۆكيۈتەل، قاتما بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى، گالمىنىت-گىۋرىن ۋاكسىنىسى، قىزىل-گۆرەنبەز ياللۇغى ۋاكسىنىسى، ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، ب تىپلىق تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، تارقىلىشچان مىڭە پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسى، ب تىپلىق مىڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاتارلىق بىرىنچى تۈردىكى ۋاكسىنىلارنى يۇقۇم رايۇنىدىكى ئالاھىدەكىشىلەر توپىدىكىلەرگە تارقىلىشچان قاناش خاراكتىرلىك قىزىتما ۋاكسىنىسى، ئىلمەك ئۇچلۇق بۇرمىسىمان تەنچە ۋاكسىنىسى ۋە كۆيدۈرگە ۋاكسىنىسى بىر قىسىم ئۆلكە شەھەرلەردە ياشانغانلار ۋە بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىدىكىلەرگەتارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىنى ھەقسىز بىرىۋاتىدۇ .                
2-تۈرىدىكى ۋاكسىنىلار ؛پۇقرالار ئۆزى پۇل چىقىرىدىغان ھەم ئىختىيارى ئەملىتىدىغان باشقا ۋاكسىنىلارنى كۆرسىتىدۇ.                                    

[تەپسىلاتى]